فۇكۇشىمانىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 5.8 بال يەر تەۋرىدى
ياپونىيە ھاۋارايى ۋازارىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ناھىيەسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە شۇ يەر ۋاقتى 15-مارت سەھەر سائەت 0 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر ئىكەن. فۇكۇشىما ناھىيەسى، مىياگى ناھىيەسى قاتارلىق رايونلاردا تەۋرەش سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان، توكيو رايونىدىمۇ تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولغان. يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، ياپونىيە توكيو ئېلېكتىر شىركىتى فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى.