ئۇ 360 مىڭ يۈەن زىيان تارتىپ 16 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالدى!
يېقىندا، جېجياڭنىڭ جۇشەندە پاراخوت باشلىقى شېن خۇاجوڭ دېڭىزدا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا خەتەرگە يولۇققان 16 بېلىقچىنى بايقىغان، جىددىي ئەھۋالدا شېن خۇاجوڭ پاراخوتنىڭ يۆتكىلىشىگە قولايسىز بولغان قىممىتى 360000 يۈەنلىك 6000 قىسقۇچپاقا قەپىسىنى دەرھال ئۈزۈۋېتىپ، تېز سۈرئەتتە خەتەرگە يولۇققان بېلىقچىلارغا يېقىنلىشىپ 16 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان.
جۇشەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا شېن خۇاجۇڭنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن 250 مىڭ يۈەن مۇكاپات بەرگەن. تورداشلار ئاددىي قەھرىمانلارغا ئاپىرىن دېيىشكەن!