ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈرۈمچىدىكى تېخنىكلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش باشلىنىدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-18 15:26

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى قېتىم قۇرۇلۇش كەسپى بويىچە تۆۋەن، ئوتتۇرا، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەخسۇس ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، 18-مارت ئىلتىماس قىلىش باشلىنىدىكەن. تىزىملىتىش دائىرىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدە رويخەتكە ئالدۇرغان، پۇقراۋى كارخانىلار ئىچىدە قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ؛

  2. ئارخىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىۋاتقان، قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەركىن كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى؛

3. باشقا جايلاردىكى كارخانىلار  تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ، ئۇدا خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان،  قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى؛      

ئىلتىماس قىلغۇچىلار كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ياكى ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇشى شەرت، پېنسىيەگە چىققانلار ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈرۈمچىدىكى تېخنىكلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش باشلىنىدۇ!

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى قېتىم قۇرۇلۇش كەسپى بويىچە