پاكىستاننىڭ تىنچلىق ئەلچىسى- مارارا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-02-21 16:48

پاكىستانلىق 15ياشلىق قىزچاق مارارا 2009-يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قىزلار مەكتىپىگە ئوت قويۇپ، كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى، ئۇ يەنە ئىزچىل ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان، بۇ نەتىجىلىرى ئۈچۈن ئۇ 2011-يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم تارقاتقان دۆلەت تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئۇ ئىزچىل تالىبان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەن، 2012-يىلى 9-ئۆكتەبىر مارارا تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قەست قىلىشىغا ئۇچراپ يارىلانغان.

بۇ ئوماق قىزنىڭ باتۇرلىقى دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 10-نويابىرنى مارارا كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، مارارا ھازىر يەنە داۋاملىق قىزلارنىڭ مائارىپ ئادىللىقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشماقتا.