گېتلىرغا بولغان يەنە بىر خىل چۈشەنچە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-05-13 09:28

«گېرمانىيە ياشلىرى، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى سىلەرگە باغلىق !» «ئىلگىرى بىزنى مازاق قىلغان شۇ كىشىلەرنىڭ بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق كۈلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» »بۇ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق دەل خەلق، شۇڭلاشقا خەلقىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىزكۈرەش قىلىشىمىز، ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك ؛ بىز ھەرگىز بوشاشمايمىز، بىز ھەرگىزچارچىمايمىز، بىز ئېتىقادىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز، ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز !» گېتلىرنىڭ مانا مۇشۇنداق نۇتۇقلىرى، رەھبەرلىكى ئاستىدا گېرمانىيە پۈتكۈل ياۋروپانى دىگۈدەك بويسۇندۇردى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىگە ھاقارەت قىلغان فرانسىيىنى ئىشغال قىلدى، پۈتكۈل دۇنيادا ئاساسەن گېرمانىيىنىڭ ئايىغى تەگمىگەن زىمىن قالمىدى.

قورال كۈچىگە تايىنىپ شانلىق سەلتەنەت يارىتىش، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىستىلانى بارلىققا كەلتۈرۈش، تارىخنامىلەرنىڭ ئەڭ يارقىن بەتلىرىگە يېزىلىپ تىللاردا داستان بولۇش‏-مانا بۇ گېتلىرنىڭ ئارزۇسى، بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىدىغان ئېتىقادى ئىدى. ئەپسۇس ئۇ بىر سېسىق نامى پۇر كەتكەن، ھەممە نەپرەتلىنىش، يېرگىنىش ئىچىدە تىلغا ئالىدىغان ئىبلىسقا ئايلىنىپ قالدى.

گېتلىر بىلىمى مۇكەممەل، ھەر تەرەپتىن تەڭ يېتىشكەن تالانت ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ سىياسىي تەشكىللەش ئىقتىدارىنى دېمەي تۇرايلى، ئۇ بىر يتىشكەن رەسسام، بىر مىخانىك ئىدى (پورسكىي پراففىسور بىلەن قوڭغۇز پىكاپ ۋە يولۋاس تىپلىق تانكىنىڭ ماتورىنى لاھىيلىگەن). بىر تالانتلىق قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى ئىدى (ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى قۇرۇلۇشلىرىنى لاھىيلەشكە قاتناشقان). كېيىنىس ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى ئىدى. بىر بىلىمى مول ناتىق، بىر ھەربىي تەتقىقاتچى، بىر گېنىرال ئىدى (ئۇ ھەرخىل ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرى ۋە بىر قىسىم قىسىم مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلغان).

ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن شۇنداق كۆپ ئىقتىدارلار ئۇنىڭدا يۈكسەك ئالغا ئىنتىلىش روھى، چەكسىز ئۆزىگە ئىشىنىش روھى ۋە دۇنيانى بويسۇندۇرۇشقا بولغان تەلۋىلەرچە قىزىقىشنى يېتىلدۈرگەنىدى.

ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ پۇل-موئامىلە مونوپولىيىسىگە، مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىغا چىش-تىرنىقىغىچە نەپرەتلىنەتتى. بىراق دەل يەھۇدىيلارنىڭ شۇ خىل ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مالىيە گوروھلىرىنى ۋەيران قىلىپ، گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە ئاساس سالغانىدى ؛ ئۇ بولشىۋىكلارغا، سوۋىت تۈزۈمىگە نەپرەتلىنەتتى، بىراق دەل سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم تۈزۈملىرىنى تەقلىد قىلىپ گېرمانىيە ئىقتىسادىنى ئۆزگەرتكەنىدى. ئۇ بىر ھايۋاناتلارنى قوغداش تەرەپدارى بولۇپ، ھايۋاناتلارنى قىزغىن سۆيەتتى، مۇھىتنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ ئىلغار پەن-تېخنىكىغا قىزىقاتتى، يېڭى پەن-تېخنىكا موۋەپپەقىيەتلىرىدىن زوق ئالاتتى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە شۇ قەدەر قاتتىق تەلەپ قوياتتى، بىراق ئاسىيلىق قىلغانلاردىن باشقىلارنى يەنە شۇقەدەر ھۆرمەت قىلاتتى. شەك-شۈبھىسىزكى گېتلىر ياۋروپا ھەتتا ئىنسانىيەت تارىخىدا مىڭ يىلدا بىر چىقىدىغان ئۇلۇغ داھىي ئىدى. ئۇ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋەيرانلىق ھالىتىدىن تېزلا قەددىنى رۇسلىدى، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيە مائارىپى تېز يۈكسىلىپ خەلقنىڭ ساپاسى ئۆستى.

گېرمانىيىنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچى بولمىسا، كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنى بولمىسا ئۇ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل ياۋروپانى بويسۇندۇرالامدۇ ؟ بەلكىم گېرمانىيە ئۈچىنچى ئىمپىرىيىسىدە ياشىغان نىمىس خەلقىنىڭ مىللىي غۇرۇرى، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھەممىدىن كۈچلۈك بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بىر داھىي بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ دۆلەتنىڭ ئار-نۇمۇسىنى يۇيغان، دۆلەتنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىناۋىتىنى تىكلىگەنىدى.

چىرىكلىك مەسىلىسى ھەممىلا جايدا مەۋجۇت، مەيلى ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسى بولسۇن، مەيلى سوۋىت ئىتتىپاقى ھەتتاكى ئامېرىكا بولسۇن چىرىكلىك ئەھۋالى مەۋجۇت ئىدى، بىراق شۇ چاغدا گېتلىرغا تەلۋىلەرچە چوقۇنىدىغان گېرمانىيىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە چىرىكلىك مەسىلىسى شۇ قەدەر ئازايغانىدى. بۇمۇ گېتلىردا باشقا ھەرقانداق سىياسىيون ھازىرلىيالمىغان رەھبەرلىك قابىلىيىتى ۋە سېھرىي كۈچ مەۋجۇت بولغانلىقىدا ئىدى.

شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، سىياسىي مەسىلە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، گېتلىر شەك-شۈبھىسىزكى ناپولىئون بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ياۋروپانىڭ گېگانت رەھبىرى ئىدى.