مۇسۇلمانلاردىن چىققان ئالىم – فەتھۇللاھ گۈلەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-05-21 11:39

ئامېرىكا «تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلى بىلەن ئەنگلىيەدىكى داڭلىق «ئىستىقبال» ژۇرنىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ، زامانىمىزدىكى داڭلىق شەخسلەرنى باھالاپ چىققان. بۇ ئىككى ژۇرنال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇرمەننى بېلەت تاشلاتقۇزۇپ، بېلىتى ئەڭ كۆپ سەرخىل كىشىلەرنى باھالاپ چىققان، 1 – ئورۇندا تۇرىدىغىنى تۈركىيەلىك مۇتەپەككۇر فەتھۇللاھ گۈلەن. ئەنگلىيە قوغداش گېزىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «باھالاش نەتىجىسىدىن باھالاش كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالار قاتتىق ھەيران قالغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ بەلكىم تۈركىيەدە گۈلەننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى گۈلەن ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. «ئىستىقبال» نىڭ باش تەھرىرى گۇھات ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇرۇن گۈلەن دېگەن بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ تۈركىيەنىڭ بىر مەيدان ئىجتىمائىي زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى تارتىشى زۆرۈر.

فەتھۇللاھ گۈلەن، 1941 – يىل تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئارزۇما ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق زامانىۋى ئىسلام مۇتەپەككۇرى، يازغۇچى ۋە شائىر. ئۇ بىر نەچچە داڭلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن دىنىي تەلىم ئالغان، زامانىۋى ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە تەبىئىي پەنلەر تەتقىقاتىغا تېخىمۇ قىزىققان. ئۇ ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، تىرىشچان، تەپەككۇرى تېز ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن خېلىلا ئالدىدا ماڭاتتى، ئۇ ئىسلام روھىنى ئوبدان چۈشەنگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەتتى. ياشلىق دەۋرلىرىدە، 1958 – يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىسلام تەشۋىقاتچىسى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 2 – چوڭ شەھىرى ئىزمىرغا ئەۋەتىلىپ، ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىسلام روھىنى تەشۋىق قىلىپ، مەملىكەتتىكى مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، دەل ئۇنىڭ نادىر ئەسىرى «ئىدىيە» دە ئىپادىلەنگىنىگە ئوخشاش، ئۇ ياش ئەۋلادلاردىن ئاقىلانە روھ ۋە مېھىر شەپقەت بىلەن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان. مانا بۇ دەل بىز ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى «گۈلەن ھەرىكىتى» دۇر.

ئۇ ھازىرقى تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە بىلەن ئادىل پارتىيەنى قوللىغۇچى، جەمئىيەتنى ياخشىلاش، ئىسلام مەدەنىيىتى نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش، غەرب ئەللىرىدىن كىرگەن ئادەت ۋە سىياسىينىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ تەشەببۇسچىسى. ئۇ 1998 – يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىسلام تەربىيەسى ھەرىكىتى خەلقئارالىق سىستېما شەكىللەندۈرگەن، ئۇ تىنچلىق ۋە كەڭ قورساق بولۇشتەك روھنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 2006 – يىل، تۈركىيەدە بىر فىلىم ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ فىلىمدە گۈلەن تۈركىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەخپىي پىلانلاشقا قاتناشقانمىش، كېيىن ئۇ ئوچۇق ئاشكارا ھالدا بۇ سۆز چۆچەكلەرگە رەددىيە بېرىپ، ئۆزىنىڭ فىلىمدىكى ئوبرازىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن. گۈلەننىڭ ھازىرقى ئىسلام ئىدىيىسى ، تەسىر دائىرىسى ئۇنىڭ دۆلىتى تۈركىيەدىن ھالقىپ چىقىپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ياشلار ھەرىكىتىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى، يېتەكچىسى بولۇپ قالغان. تۆۋەندە گۈلەننىڭ «ئەركىنلىك» توغرىسىدىكى تەبىرلىرى، ۋاقىپ بولغايسىزلەر:

****ئەركىنلىك دېمەك ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى چەكلەپ، پەقەت پەزىلەتلىك ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنىلا قوبۇل قىلىش، ياخشى ئىش ۋە گۈزەل ئەخلاقتىن باشقا باشقا ھېچقانداق پرىنسىپنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر.

****ھەقىقىي ئەركىنلىك مەدەنىيەتتىكى ئەركىنلىك بولۇپ، دىن ۋە ئەخلاقنى ئالماس مارجان، ئەقىل ئىدراك ۋە ئىدىيەنى ئالتۇن ياقا قىلىدۇ.

****ئەركىنلىك كىشىلەرنى ھەرقانداق ئىشنى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، پەقەت باشقىلارغا زەخىم يەتكۈزمىسىلا، ھەمدە ھەقىقەتتە ئۈزۈل كېسىل چىڭ تۇرۇش كېرەك.

****دىنىي ئىدىيەنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، ئەڭ يۇقىرى پەزىلەتكە ئىگە بولۇش يولىدا مۇلازىمەت قىلمايدىغان ئەركىنلىك خۇددى بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرى بىلەن ئوينىشىۋاتقاندەك بولىدۇ. بىر جەمئىيەت كوللېكتىپى مۇشۇنداق ئىدىيە تەرىپىدىن قامال قىلىنغان بولسا ئۇنداقتا ئۇلار چوقۇم ناھايىتى تىت تىت بولۇشىدۇ، ئادىمىيلىكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.