ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا جۇڭگونىڭ چاغانلىق ئىستېمال قىزغىن دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 16:51

چاغان مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرى 2023-يىلىدىكى ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى، ھەممە يەردە ئاۋات ئىستېمال مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. چەتئەللىكلەر، تاراتقۇلار بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش، كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، يەر شارىغا تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.

چاغان مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرى 2023-يىلىدىكى ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى. شەھەر سودا چەمبىرىكىدە خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ بولدى، قىزىق ساياھەت نۇقتىلىرىدا ساياھەتچىلەر زورت دەرىجىدە كۆپەيدى، «يېمەك-ئىچمەك، مېھمانخانا، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق ئېھتىياجلار مەركەزلىك نامايەن بولدى. ھەممە يەردە ئاۋات ئىستېمال مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى، چەتئەللىكلەر، تاراتقۇلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىش، ياخشىلىنىش سىگنالىنى ھېس قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش، كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، يەر شارىغا تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.

چىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىك دۇنياسى» ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدە يېقىندا «جۇڭگودا چاغان مەزگىلىدە چىلى گىلاسى كىشىلەر ئۆزئارا سوۋغا قىلىدىغان ۋە تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان چولپان مېۋە بولدى» دەپ خەۋەر قىلىندى. چىلى مېۋە-چىۋە ئېكسپورت جەمئىيىتى گىلاس كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى كىلودىيا سولار: جۇڭگونىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلىرىدە ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى، بۇ يىل بازارنىڭ كۆزلىمىسى ئىنتايىن ياخشى، دېدى.

ئارگېنتىنا «سودا خاتىرىلىگۈچىلەر گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ مېۋە-چىۋە، قىزىل ھاراق، كالا گۆشى قاتارلىق سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو بازىرىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، يېڭى بىر يىلدا ئېكسپورت يېڭى پۇرسىتى كۈتۈۋېلىنىدۇ.

ئەنئەنۋىي «چەتئەل بايراملىق ماللىرى»دىن باشقا، نۇرغۇن داڭلىق ماركىلارمۇ چاغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، توشقان يىلىغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى چىقاردى. شىۋېيتسارىيە بايدا مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئالىي ماركا باشقۇرغۇچىسى كارولىن رېئىل: بازار جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، دېدى.

گانانىڭ مالىيە سىياسىتى مۇتەخەسسىسى ئالىكىس ئانپوبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى قىزغىن مەنزىرىسى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى چۈشەندۈرىدۇ. كۇۋەيت «ئەرەبلەر گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى فاۋوز باھار: جۇڭگونىڭ بازار ئىستېمال ئىقتىدارى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى، دېدى.

كورىيە «ئاسىيا ئىقتىسادى» گېزىتىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: «چاغانلىق ئىقتىساد» كۈچىيىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچى قايتا نامايەن بولدى، سىرتتىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىغا بولغان ئۈمىدى ئاشتى. سىنگاپور «دېڭىز بوغىزى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: 2023-يىلى جۇڭگودا چاغانلىق كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمى 2022-يىلىدىكىدىن خېلى كۆپ ئاشتى، بۇنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جۇڭگو كىنوچىلىقىغا ئىلھام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بلومبىرىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بازار چاغان مەزگىلىدىكى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۆلچەردىكىدىن تېز بولىدۇ، دېگەن قاراشقا ئىگە قىلدى.

فىنلاندىيە ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەھلىلچىسى پېيۋېي پونتى مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە نۇرغۇن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشنى تاللاپ، ئەتراپتىكى رايون ۋە دۆلەتلەرگە ئىقتىسادى پايدا ئېلىپ كەلدى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ «سىرتقا چىقىشى» فىنلاندىيە ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى.

ئەرەب ئەللىرى سودىگەرلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى، ئىيوردانىيە سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھامۇد تابا مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىدە مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىستېمال قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىشى دۇنياغا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۆرسەتتى.

فىرانسىيە تاشقى سودا بانكىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باش ئىقتىساد ئالىمى ئالىسىيا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالى قىزىپلا قالماي، چىداملىق بۇيۇملار ئىستىمالىمۇ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، چاغاندىن كېيىن جۇڭگو ئىقتىسادىدا تېخىمۇ ئېنىق تېز ئېشىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

نۇرغۇن ئاپپاراتلار ۋە چەتئەللىكلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ چاغانلىق ئىستېمال دولقۇنىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە مۇھىم تىرەك بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2023-يىللىق دۇنيا ئىقتىساد ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭغا نەزەر» ناملىق دوكلاتتا: 2023-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %4.8 كە يېتىدۇ، دەپ مۆلچەرلەندى. UBS گۇرۇھىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ماتور بولغان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە ئاممىسىنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىمۇ ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلدى.

گېرمانىيە ئېكود گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋولفگاڭ بۇچېل جۇڭگو ئىقتىسادىغا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە «تۈپ خاراكتېرلىك رول» ئوينايدۇ، جۇڭگونىڭ تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشى يەر شارى بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

مېكسىكا «يۇقىرى دەرىجىلىكلەر» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو يەر شارىدىكى مۇھىم ساياھەت، ئاپتوموبىل، يېمەكلىك ئىستېمال بازىرى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى غايەت زور ئېھتىياجدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن پايدىلىق ئامىل. پاكىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى ياسىن ئەنۋەر مۇنداق دېدى: 2023-يىلى دۇنيا جۇڭگونىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىغا گۇۋاھ بولىدۇ، جۇڭگونىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر ئىقتىساد سىياسىتى يەر شارىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ.

تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا جۇڭگونىڭ چاغانلىق ئىستېمال قىزغىن دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى

بلومبىرىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بازار چاغان مەزگىلىدىكى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۆلچەردىكىدىن تېز بولىدۇ، دېگەن قاراشقا ئىگە قىلدى.