ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن جايلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل 9-ئايدا جېجياڭ، خېنەن قاتارلىق جايلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى باشلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئەنخۇي، فۇجيەن، خېنەن، خېيلۇڭجياڭ، خۇبېي قاتارلىق 10 نەچچە ئۆلكە ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. خۇبېي، ۋۇخەن، شياڭياڭ، يىچاڭ، خۇاڭشى، جىڭجۇ قاتارلىق نۇرغۇن جايلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى باشلىدى. 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، خۇبېيدا 40 مىڭ 710 كىشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملىدى. ئالايلۇق، ۋۇخەن شەھىرى جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى ۋە ئايرودۇرۇم قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى خەتىرى يۇقىرى خادىملارغا ئالدى بىلەن ئىممۇنىتېتىنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى كۈچەيتتى، نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

گۇاڭشى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى رەسمىي باشلىدى ھەمدە ئاھالىلەرگە ھەقسىز ئەملەش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ ۋاكسىنىنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنگىنىگە ئالتە ئاي بولغان 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرگە ئەملەشكە بولىدۇ.

فۇجيەن، شيامېن، چۈەنجۇ، جېنجياڭ قاتارلىق جايلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى باشلىدى. شيامېن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، شيامېن شەھىرى 12 ياشتىن ئاشقان، ئىككى قېتىملىق پاسسىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئەملىگىنىگە ئالتە ئاي بولغان كىشىلەرگە ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەشكە باشلىدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەن كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق كودى «ئالتۇن كود» تىن «ئالماس كود» قا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى قىلىنىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن جايلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باشلىدى

بۇ يىل 9-ئايدا جېجياڭ، خېنەن قاتارلىق جايلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەش