ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ساغلام، يېنىك يېمەكلىكلەرنى يېسە راستىنلا ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:55

 

يېڭى بىر يىلدا ئورۇقلاش يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىلانى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئورۇقلاشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، «يېنىك يېمەكلىك» ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ماي قاتارلىق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش بىر خىل ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ئوزۇقلۇق تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى تېز تاماقخانىلار ئاچقان «ساغلام يېنىك يېمەكلىكلەر»دە روشەن ئوزۇقلۇق توزىقى بار بولۇپ، ئەمەلىي ساغلاملىق پايدىسى بەكلا تۆۋەن، ھەتتا ئادەتتىكى ھامبۇرگ تېز تاماقخانىلىرىغىمۇ يەتمەيدىكەن، ئۇنداقتا بۇنداق ئاتالمىش ساغلام يېنىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە قانداق زىيانلار كۆرۈلىدۇ؟



1. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، ئۇيقۇغا تەسىرگە ئۇچراش

تېز تاماقخانىلار ئوتتۇرىغا چىقارغان يېمەكلىكلەردە ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر خىل ناچار ئەھۋال بار، يەنى ئۇلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلغان يۇقىرى دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكتۇر. بۇ يېمەكلىكلەر پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تەركىب ۋە بىر قىسىم سۈنئىي ماددىلاردىن ياسالغان، ئەلۋەتتە دۇكانلاردا بازارغا سېلىنغان يېنىك يېمەكلىكلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مەسىلەن بىر تەخسە كۆكتاتقا يەنە نۇرغۇن مەززىلىك مايدا پىشۇرۇلغان بولكا، قايماقلىق تېتىتقۇلار قوشۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاددىي كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە قەنت بار، باشقا دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يوق.

ئوزۇقلۇق مەنبەسى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتقا تايانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىقى، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، كەيپىيات داۋالغۇش، دانىخورەك، چاچ چۈشۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.



2. يۇقىرى قان بېسىم

كۆپ مىقداردىكى ناترىي قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۇرغۇن تېز تاماق زەنجىرسىمان دۇكانلىرى تۇز قوشۇش ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى ياخشىلايدىكەن، گەرچە بىر پارچە توخۇ گۆشى ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشنى ئازايتقان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدىكى مىقدارى ئېشىپ كەتكەن ناترىي ئارتېرىيە قېتىشنى تېزلىتىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.



3. شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش

ئوخشاش بولمىغان تېز تاماقلارنىڭ ھەممىسىدە شېكەر بولۇشى مۇمكىن، بۇ «ساغلام يېنىك يېمەكلىك»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېز تاماقخانا دائىم ھەددىدىن زىيادە شېكەر قوشۇش ئارقىلىق يېمەكلىككە تېخىمۇ ياخشى تەم كىرگۈزىدۇ، ئادەمنى تېخىمۇ ئاسان خۇمار قىلىدۇ.


4. زىيادە يەپ-ئىچىش

ئەتىگەنلىك تاماق، چۈشلۈك تاماق، كەچلىك تاماقتا يېنىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئادەمنى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە تېخىمۇ مايىل قىلىدۇ. تاماقنى يېنىك يەپ ئورۇقلاشنى پىلان قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاچلىققا بولغان كۈچلۈك ئىرادە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. بولمىسا ئورۇقلاش پىلانى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بىلىپ-بىلمەيلا تېخىمۇ كۆپ ئۇششاق يېمەكلەرنى يەپ، قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلەپ كېتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ساغلام، يېنىك يېمەكلىكلەرنى يېسە راستىنلا ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

تېز تاماقخانىلار ئوتتۇرىغا چىقارغان يېمەكلىكلەردە ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر خىل ناچار ئەھۋال بار،