ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ خىل كىشىلەر تۇز ئىستېمال قىلىشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:55

تۇز تاماق ئ‍ەتكەندە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇلارنىڭ بىرى، ئەگەر تۇز بولمىسا ھەرقانچە ئۇستا ئاشپەزمۇ مەززىلىك تاماقلارنى ئېتەلمەيدۇ. ئ‍ەمما، ئەتراپىمىزدىكى نازۇ-نېمەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۇزنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارى ئېشىپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساغلاملىق خەۋپىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

زىيادە كۆپ تۇز (ناترىي تۇزى) قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم بولسا يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئامىل. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەك قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، مېڭە سەكتىسى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.

دۇنيادىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە جۇڭگو ئوزۇقلۇقشۇناسلىق جەمئىيىتى كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان، ئەمما ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئون گىرامدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، تەۋسىيە قىلىنغان مىقدارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش ساغلاملىقنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىشى كېرەك. تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كىشىلەر تۇزنى تېخىمۇ ئاز يېيىشى كېرەك.

1. دائىم بېشى ئاغرىيدىغان كىشىلەر

ئەڭ يېڭى تەتقىقات ئارقىلىق سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۇز مىقدارى يۇقىرى، ئوتتۇرا ھال ۋە تۆۋەن تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى 30 كۈن ئىستېمال قىلغان، نەتىجىدە ھەر كۈنى سەككىز گىرام تۇز ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ باش ئاغرىش قېتىم سانىنىڭ تۆت گىرام تۇز ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا 1/3دىن كۆپ ئىكەنلىكى بايقالغان. تۇيۇقسىز بېشىڭىزنىڭ ئاغرىشى تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقىڭىزدىن بولۇشى مۇمكىن.

2. سۇلۇق ئىششىق ئاسان پەيدا بولىدىغان كىشىلەر

ئادەم بەدىنىدە سۇلۇق ئىششىقنىڭ پەيدا بولۇشى تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئېشىپ كەتسە، سۇلۇق ئىششىق، باش ئاغرىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق بىر قاتار ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئ‍ادەت كېلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئەھۋال تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

3. ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر

تەركىبىدە تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازاندىكى قوغداش خاراكتېرلىك يېپىشقاق سۇيۇقلۇقنىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ ئاشقازان دىۋارىنى قوغداش رولىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان دىۋارىنى تېخىمۇ ئاسان زەخىملەندۈرۈپ، ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشمۇ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

4. تېرىسى ناچار كىشىلەر

ئوسموتىك بېسىمنىڭ تەسىرىدە، كۆپ مىقداردا تۇز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بەدەندىكى سۇ مىقدارى ئازىيىپ، تېرىدە سۇ كەمچىل بولۇپ، تېرىنىڭ نەملىك ساقلىشىغا ۋە ساغلاملىقىغا پايدىسىز.

5. سوزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغى بار كىشىلەر

ئارتۇق مىقداردىكى تۇز يۇتقۇنچاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، كېكىردەكنى زىيانغا ئ‍ۇچرىتىدۇ. يۇتقۇنچاق ياللۇغلانغان ياكى يۆتەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىشى كېرەك. گازىر، مايدا پىشۇرۇلغان خاسىڭ قاتارلىق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تۇز بولغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

6. بۆرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى

بۆرەك تۇزنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىدىكى مۇھىم ئەزا، ئ‍ەگەر تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئېشىپ كەتسە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. زىيادە كۆپ تۇزمۇ يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۆرىكى ياخشى ئەمەس كىشىلەر، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

7. سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى بارلار

«تۇزنى ئاز يېگەنلىك كالتسىي تولۇقلىغانلىق بىلەن باراۋەر» دەيدىغان گەپ بار. تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، بەدەن ئارتۇق مىقداردىكى تۇزنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ چىقىرىلىش مىقدارىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ سۆڭەك شالاڭلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.



ئۇنداقتا تۇزنى زادى قانداق ئازايتىش كېرەك؟

1. تاماق ئەتكەندە ۋە يېمەكلىك تەييارلىغاندا تۇزنى ئاز سېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇزلۇق جياڭيۇ ۋە تەم تەڭشىگۈچلەرنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك.

2. قورۇما قورۇغاندا چۈچۈمەل تېتىتقۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، تۇزلۇق تەمگە بولغان سەزگۈرلىكنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاتلىق تەم خۇرۇچلىرىنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى تاتلىق تەم تۇزنىڭ تەمىنى توسۇپ قويىدۇ.

3. تەركىبىدە تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان ئ‍ۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، يېڭى، ساغلام يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك.

4. كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەر، قۇرۇتۇلغان كۆكتات، قاتتىق شاكاللىق مېۋە ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى تاللىغاندا، تۇز ۋە شېكەر قوشۇلمىغان سورتلارنى تاللاش كېرەك.

5. تاماق ئۈستىلىگە تۇز ۋە تۇزلۇق تېتىتقۇلارنى قويماسلىق، ئۇلارنى قوشۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

6. يېمەكلىك ئورالمىسىدىكى يېمەكلىك چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئوقۇپ، تۇز مىقدارى تۆۋەن مەھسۇلاتلارنى تاللاش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ خىل كىشىلەر تۇز ئىستېمال قىلىشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك

تۇز تاماق ئ‍ەتكەندە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇلارنىڭ بىرى، ئەگەر تۇز بولمىسا ھەرقانچە ئۇستا ئاشپەزمۇ مەززىلىك تاماقلارنى ئېتەلمەيدۇ.