باكتېرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغىغا قانداق دىياگنوز قويۇلىدۇ؟
ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ:
1. يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، قىزىش ئالامەتلىرى، جۈملىدىن كۆكرەك ئاغرىش، قان تۈكۈرۈش، دېمى سىقىلىش، نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ؛
2. بەدەن تەكشۈرگەندە باكتېرىيە تەكشۈرۈشى مۇسبەت چىقىدۇ، كۆكرەك سۈرىتى ياكى CTدە كېسەللىك ھالىتىنى ئېنىق بايقىغىلى، ئۆپكە ياللۇغىغا ئېنىق دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ.
دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن دوختۇرغا ئاكتىپ ماسلىشىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.