ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننى تولۇقلاڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-25 16:49

يېتەرلىك ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بىراق تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئادەمنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز بۇ خىل ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگەتمەكچى بولساق، ئالدى بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىشىمىز كېرەك. ئادەتتە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، تۇرمۇش ياكى خىزمەت بېسىمى زىيادە ئېغىر بولۇش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، دەم ئېلىش قانۇنىيەتسىز بولۇش ھەمدە بەدەندىكى ۋىتامىنلارنىڭ كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئامىللار ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردۇر. دوختۇر شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئەگەر ئۇيقۇسىزلىقىڭىز بەدەندىكى ۋىتامىنلارنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننى تولۇقلىشىڭىز لازىم.

1. ۋىتامىن B1

ۋىتامىن B1 بولسا B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىلى بولۇپ، ۋىتامىن B1نىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇ بەدەندىكى ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىپ، بەدەندىكى گىلۇكوزىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە يۈرەكنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن B1 كەم بولسا، بىۋاسىتە ھالدا ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كەيپىياتنى تۇراقسىزلاشتۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىق نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز تۇرمۇشتا كەيپىياتىڭىز تۇراقسىزلىقىدىن ئۇخلىيالمىسىڭىز، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن B1 تولۇقلىشىڭىز كېرە، ئادەتتە تۇرمۇشتا نۇرغۇن يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن سۇلۇ (燕麦)، گازىر، بانان، ئۈزۈم، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول.

 



2. ۋىتامىن B6

ۋىتامىن B6 ۋىتامىن B1غا ئوخشاش ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ۋىتامىنلارنىڭ بىرى. ئەگەر بەدىنىمىزدە ۋىتامىن B6 كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىن B6 كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ۋىتامىن B6 بەدىنىمىزدىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭشىلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن B6 كەمچىل بولسا، ئاسانلا بىئارام بولۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ياكى ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننى تولۇقلاڭ

يېتەرلىك ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بىراق تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمايدۇ.