ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇت-قول مۇزلاش كېسەللىكنىڭ بېشارىتىمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-27 11:11

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇت-قولى دائىم مۇزلايدۇ، ئەمەلىيەتتە پۇت-قولنىڭ مۇزلاپ كېتىشى كېسەللىك ئەمەس، بىراق بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئىزچىل مۇشۇنداق بولسا، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

 

ئادەتتە پۇت-قولى مۇزلاش ئەھۋالى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
1. بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك، بەدەن شەكلى ئورۇقراق كىشىلەر: بەدەندە ماي، قان تومۇرلار نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، بەدەندىكى ئىسسىقلىق ئاسان يوقايدۇ.
2. قان ئازلىق كېسىلى بارلار: گېموگلوبىن ۋە قىزىل قان دانچىلىرى (血色素和红血球) تۆۋەن بولۇپ، بارماق ئۇچلىرىدا ئاسانلا قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. بۆرەك زەئىپلەشكۈچىلەر: بۆرەك قۇۋۋىتى بەدەننىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، بۆرەك زەئىپلەشكەن ئادەمدە قۇۋۋەت ۋە قان يېتەرلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلانغىلى بولمايدۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر سوغۇقتىن قورققاندىن باشقا، يەنە چىرايى تاتىرىش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، ئىچى سۈرۈش، كىچىك تەرەت سۈزۈك كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
4. ئوكسىگېن ۋە قان يېتىشمەيدىغانلار: ئوكسىگېن قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان يېتىشمىسە بەدەن كۈچسىز بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇت-قول مۇزلاپ كېتىدۇ.

ئەگەر پەسىل، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، بەدەن شەكلى قاتارلىق ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندە، يەنىلا پۇت-قولى مۇزلاش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش: يۈرەك ئاجىزلىغانلىقتىن، قاننى سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ياخشى بولماي، قاننى پۇت-قوللارنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا ئاققۇزغىلى بولمايدۇ.
2. نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى: نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى قان تومۇرلارنىڭ ئىنچىكىلىشىشى، نېرۋا ئۇچلىرىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مېخانىزمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى (甲状腺) ئاجىزلاش: قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئورگانىزمنىڭ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا پۇت-قول ئۇچلىرى مۇزلايدۇ.

پۇت-قول دائىم مۇزلاشنى ياخشىلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

1. قورساقنى ياخشى تويغۇزۇش: تاماق يېيىش كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىپ، بەدەننى ئىسسىتىدۇ، بەدەندە مۇۋاپىق مىقداردا ماي ساقلايدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، پۇت-قوللارنىڭ مۇزلىشىنى ياخشىلايدۇ.

2. ئىسسىق كىيىنىش: قىش پەسلىدە سىرتقا چىققاندا ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ شارپا، شەپكە قاتارلىقلارنى كىيىۋېلىش كېرەك.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىش: قانۇنىيەتلىك ھەرىكەتتە چىڭ تۇرغاندا يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى، شۇ ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

4. ئاپتاپقا قاقلىنىش: قۇياش نۇرى ئارقىلىق ۋىتامىن Dنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقىلارنى قىلغان تەقدىردىمۇ پۇت-قول يەنىلا مۇزدەك تۇرسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كېسەللىكنىڭ ئېھتىماللىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇت-قول مۇزلاش كېسەللىكنىڭ بېشارىتىمۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇت-قولى دائىم مۇزلايدۇ، ئەمەلىيەتتە پۇت-قولنىڭ مۇزلاپ كېتىشى كېسەللىك ئەمەس، بىراق بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئىزچىل مۇشۇنداق بولسا، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.