ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ بەش خىل مېۋىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسرىراشقا ياردىمى بولىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 15:44

بالىلىق دەۋر بولسا ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى بولۇپ، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. مېۋىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە مول يېمەكلىك تالالىرى بار بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى سىلىقلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە خىل مېۋىنىڭ كۆزنى ئاسراش جەھەتتىمۇ ئالاھىدە ئۈنۈمى بار ئىكەن.

 

1. مايمۇن شاپتۇلى

مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تاماق تالاسى، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار، بولۇپمۇ ۋىتامىن C، ۋىتامىن A، كاروتىن، فولىك كىسلاتاسى قاتارلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ماددىلار بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مايمۇن شاپتۇلى تۈكلۈك بولغاچقا ھاشارەت زىيىنى ئاز بولۇپ، ئادەتتە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز، بۇلغانمىغان زىيانسىز مېۋىلەرنىڭ بىرى.

كۆزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كىسانتوفىل بار. كىسانتوفىل ناھايىتى ياخشى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ نۇر سۈمۈرگەندە ئوكسىدلىنىپ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ كۆزنىڭ مىكرو قان تومۇرىنى قوغداپ، ياخشى بولغان قان ئايلىنىشىنى ساقلايدۇ؛ كۆك نۇرنى سۈزۈۋېتىپ، رەڭ پەرقىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ كۆز ئالمىسى ئاقسىلىنىڭ ئوكسىدلىنىش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، گىلاۋكومانىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ سۇ كىرىستالىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قۇياش نۇرى بىلەن ئەركىن رادىكالنىڭ زەخىملىنىشىگە قارشى تۇرۇپ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم بەدىنى ئۆز ئالدىغا كىسانتوفىل بىرىكتۈرەلمەيدۇ، پەقەت سىرتتىن كىرگەن يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىقلا تولۇقلىغىلى بولىدۇ. مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، كىسانتوفىل مىقدارى مول بولۇپ، نۇرغۇن كىچىك بالىلار يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ كىچىك دوستلارنىڭ يېيىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىغان مېۋە.

 

2. ئەينۇلا (蓝莓)

ئەينۇلا تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئانتونىئانىن بار، بۇ ئۆسۈملۈكلەردە كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغان سۇدا ئېرىشچان تەبىئىي پىگمېنت بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبى ھېسابلىنىدۇ. كۆزنى ئاسراش جەھەتتە، ئانتونىئانىن مېڭە قان توسۇقى ۋە كۆرۈش تور پەردىسى توسۇقىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئۆتەلەيدىغان ئاز ساندىكى ماددا بولۇپ، كۆزنىڭ ھەرقايسى توقۇلمىلىرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى بوشىتىش، كۆز چارچاشنى پەسەيتىش، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى تېزلىتىش، قاراڭغۇغا ماسلىشىشنى ياخشىلاش، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، گىلاۋكومانىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. لېكىن، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەينۇلا گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بىر كۈندە 4 ~ 6 تال يېسىلا كۇپايە قىلىدۇ، كۆپ يېسە ئاسانلا ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولۇپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

3. ئاپېلسىن

ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C، لىمون كىسلاتاسى، كىسانتوفىل قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بار. بۇ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى جىگەردىكى زەھەرنى تازىلاش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، تېرە ئاسراش قاتارلىق روللارغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى كۆزنى ئاسراپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

4. ئالما
 

ئالمىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A مول. ئەگەر ۋىتامىن A يېتەرلىك بولسا، كىشىلەر قاراڭغۇ مۇھىتقا ناھايىتى تېزلا ماسلىشالايدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن A يېتەرلىك بولمىسا، ئادەمنىڭ قاراڭغۇغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاستىلاپ كېتىدۇ.

 

5. بانان

بانان تەركىبىدە كالىي، ۋىتامىن A قاتارلىق كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بار. كالىي بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇق تۇز تەركىبىنى چىقىرىپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىپ، بەدەندىكى ناترىينى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. ۋىتامىن A بولسا كۆزنى قاراڭغۇغا ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى ئازايتىدۇ.

يۇقىرىقىلار كۆزنى ئاسرايدىغان بەش چوڭ مېۋە بولۇپ، ھەر كۈنى ئازراق يەپ بەرسە، كۆزنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆز چارچاشنى پەسەيتىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ بەش خىل مېۋىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسرىراشقا ياردىمى بولىدۇ

بالىلىق دەۋر بولسا ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى بولۇپ، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.