ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۈندە ئۈچ قېتىم چىش چوتكىلاش ھەر خىل يۈرەك كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-10 16:15

كورېيە لىخۇا قىزلار داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم چىش چوتكىلاش دالانچە تىترەش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار «كورېيە دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى»دىن 40 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 161 مىڭ نەپەر سىناققا قاتناشقۇچىنى تاللاپ چىققان، ئۇلاردا دالانچە تىترەش ياكى يۈرەك زەئىپلىشىش كېسەللىك تارىخى يوق ئىكەن. 10 يېرىم يىللىق ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ئىز قوغلاش مەزگىلىدە 4911 ئادەم (%3) دالانچە تىترەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، 7971 ئادەم (%4.9) يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق چىش چوتكىلىغانلارنىڭ دالانچە تىترەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %10، يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %12 تۆۋەنلەيدىكەن.

 

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى باكتېرىيەلەرنىڭ قاندا كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بەدەندە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ دالانچە تىترەش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دائىم چىش چوتكىلاش چىش مىلىكى ئاستىدىكى بىيولوگىيەلىك پەردىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتىپ، ئۇلارنىڭ قانغا يۆتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۈندە ئۈچ قېتىم چىش چوتكىلاش ھەر خىل يۈرەك كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى باكتېرىيەلەرنىڭ قاندا كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بەدەندە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن