ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ تۆت ئامىل ئادەمنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-10 16:39

ئىشىنىمەنكى، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياش چىرايىغا ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ھازىرقى نۇرغۇن ياشلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلمىسا، بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالدۇر قېرىش ئادەمنى روھسىز كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تەن ساغلاملىقىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك ئادەتتە چوقۇم بەدىنىنى كۆپرەك ئاسرىشى، بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەزى ناچار ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

 

 

1. قايسى ئامىللار ئادەمنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
 

(1) بەك ئورۇق بولۇش

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇق بولۇشنى گۈزەللىك دەپ قارايدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە ئۇستىخان گۈزەللىكىنى قوغلاشقاچقا، تاماقتىن ئۆزىنى چەكلەپ ئورۇقلايدۇ. بەك ئورۇق بولۇشمۇ تەن ساغلاملىقىغا بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ، چۈنكى بەدەندە ماي توقۇلمىلىرى كۆپ بولمىسا، ئۇنداقتا بەدەندە كېسەلگە قارشى تۇرغۇدەك يېتەرلىك زاپاس بايلىق بولمايدۇ، ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ئادەم تەبىئىيلا بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ.

(2) بەك ئۇزۇن ئۇخلاش

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇخلىماسلىقنىڭ بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بەك ئۇزۇن ئۇخلاشمۇ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئادەم ئۇخلىغانسېرى ئۇيقۇسى كېلىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كارىۋاتتا يېتىشمۇ ھەرىكەت ۋاقتىنى ئازايتىدۇ، بەدەننىڭ ھەرىكىتى كەمچىل بولسا مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئادەمنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ.

(3) دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلىش

كىشىلىك ئالاقىدىن ئايرىلىشتىن كېلىپ چىققان يالغۇزلۇق تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى مەلۇم دەرىجىدە قىسقارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. چۈنكى يالغۇزلۇق تۇيغۇسى قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ.

(4) پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بىرىكمە يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈش

ئىنچىكە كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىدىكى قان شېكىرى ۋە ئىنسۇلىننى ئۆرلىتىپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياللۇغ بولسا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھالقىلىق سەۋەب.


 

 

2. قېرىشقا قارشى تۇرۇشتا نېمە يېسە ياخشى؟

(1) بۇتىروسپېرمۇم مېۋىسى

بۇتىروسپېرمۇم مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولۇپ، بۇ خىل ماددا بەدىنىمىزدىكى نېكروزلانغان ھۈجەيرىلەرنى تازىلىشىمىزغا ياردەم بېرىپ، تېرىنىڭ سىلىق، نازۇك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەمنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ.

(2) ئالما

ئالما تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن ۋە يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ئارتۇقچە زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.

(3) ئانار

ئانار تەركىبىدە مول ۋىتامىن C ۋە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، بەدەندىكى كوللاگېن ئاقسىلىنى ئۈنۈملۈك ساقلاپ، كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قېرىشنى بەلگىلىك دەرىجىدە كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

 

ھەممە ئادەم قېرىشتىن قورقىدۇ، لېكىن قېرىش بىر خىل تەبىئىي قانۇنىيەت، لېكىن بالدۇر قېرىش بىر خىل بىنورمال ھادىسە. ئەگەر سىز بالدۇر قېرىشتىن ساقلانماقچى بولسىڭىز، يۇقىرىقى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن يىراق تۇرۇپ، قېرىشقا قارشى تۇرالايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئادەم ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ تۆت ئامىل ئادەمنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئىشىنىمەنكى، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياش چىرايىغا ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ھازىرقى نۇرغۇن ياشلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلمىسا، بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ