ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىسا ياخشى بولامدۇ ياكى چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلىسا ياخشى بولامدۇ؟

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-20 16:02

  سوئال: چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىسا ياخشى بولامدۇ ياكى چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلىسا ياخشى بولامدۇ؟

  جاۋاب: ئامېرىكا غەربىي شىمال داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، كېچىدە چىراغ نۇرى غۇۋا بولغان ئۆيدە ئۇخلاش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرھال كۈچلۈك يورۇقلۇق مۇھىتىدا ئۇخلىغاندا يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يېتىدىكەن، ھەم ئەتىسى ئەتىگەندە ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش سەۋىيەسى ئۆرلەپ كېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار كېچىلىك ئۇيقۇ مەزگىلىدە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا چىراغنى ياندۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرنىڭ رەڭگى ئىنتايىن مۇھىم، كەھرىۋا رەڭلىك ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك نۇرنىڭ چوڭ مېڭىنى غىدىقلاش رولى بىر قەدەر كىچىك بولىدىكەن؛ ئاق نۇر ياكى كۆك نۇر ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۆي سىرتىدىكى يورۇقلۇق مەنبەسىنى كونترول قىلغىلى بولمىسا، نۇر توسۇش قاپقىقى ياكى كۆز توسقۇچ تاقاش ياكى كارىۋات ئورنىنى يۆتكەش ئارقىلىق يورۇقلۇقتىن ساقلىنىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىسا ياخشى بولامدۇ ياكى چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلىسا ياخشى بولامدۇ؟

تەتقىقاتچىلار كېچىلىك ئۇيقۇ مەزگىلىدە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا چىراغنى ياندۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.