ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمە ئۈچۈن چوڭلار ئۆزلۈكىدىن ساقىيىشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم؟

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-20 16:04

تۇرمۇشتىكى جاپالار خۇددى پۇرژىنغا ئوخشايدۇ، سىز ئاجىز بولغانسېرى ئۇ كۈچىيىدۇ.

 ئادەمدە پەقەت ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارى بولغاندىلا، ئاندىن جاپا- مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنمۇ قايتىدىن ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ.

 باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى ساقاييتاندا، كۈچلۈكلەردىن بولغىلى بولىدۇ؛ قورقۇنچاقلىق، ئاغرىنىش ئادەمنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 تەقدىرنىڭ دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلۈپ، پەسىيىپ تۇرىدۇ، ئۆزلۈكىدىن ساقىيىشنى ئۆگىنىۋالغانلىق، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغانلىقتۇر.



كۈچلۈكلەر ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، ئاغرىسىمۇ ئېغىز ئاچمايدۇ

 بەزىلەر: «ئوڭۇشسىزلىق، ئازاب- ئوقۇبەت، ۋەيران بولۇشتىن خالىي بولالمايمىز، لېكىن يەنىلا ئويغاق تۇرۇشىمىز، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ كېتىشىمىز، تۇرمۇشىمىزنى يېڭىدىن باشلىشىمىز كېرەك»، دەيدۇ.

 ھايات ئۈزلۈكسىز يارىلىنىدىغان، شۇنداقلا يەنە ئۈزلۈكسىز ساقىيىدىغان جەريان، ئەمما بۇنداق ساقىيىش چوقۇم ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىچىدە بىخلىنىشى كېرەك.

 كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، كىشىلەردە كەم بولىدىغىنى جەۋرى- جاپاغا تاقابىل تۇرىدىغان كۈچ بولماستىن، بەلكى يارىلانغاندىن كېيىن ئۆزىنى ساقايتىدىغان ئىرادە، خالاس.

 ئازاب پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا، چۈشكۈنلۈك باسىدۇ؛ كەيپىياتنىڭ زەنجىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىلا، ئەركىن ياشىغىلى بولىدۇ.

 تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي كۈچلۈكلەر ئىقتىدار جەھەتتە باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشى ناتايىن، لېكىن ئۇلاردا چوقۇم باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئۆزىنى ساقايتىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئازابقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەستىن چىقارمايدۇ.



  بوران-چاپقۇن قانچە كۈچەيگەنسېرى، شۇنچە ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك

 تۇرمۇشتىكى جاپالار خۇددى پۇرژىنىغا ئوخشايدۇ، سىز ئاجىز بولغانسېرى ئۇ كۈچىيىدۇ.

 ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەر ئاغرىنىشنى زەھەر قايتۇرۇش دورىسى دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئادەمنى بارغانسېرى زەئىپلەشتۈرىدىغان زەھەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

 دەماللىققا ئاچچىقنى چىقىرىۋېلىش قىسقا ۋاقىتلىق خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە، نورمال پىكىر يۈرگۈزۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 بەزىدە، بەلكىم كىچىككىنە بىر ئىشتىن نارازى بولۇپ قالىمىز، ئەمما ئاغرىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىشنىڭ تەپسىلاتى ئاستا- ئاستا زورىيىپ كېتىدۇ.

 ئاغرىنىش يىغىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە بولسا، كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.

 تەقدىرنىڭ رولى ئەزەلدىن ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، بوران- چاپقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، شۇنچە تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

 ئەگەر توختىماي ئاچچىقىمىزنى چىقىرىۋالىمىزلا دېسەك، تۇرمۇشىمىزدا مەڭگۈ بۇرۇلۇش بولمايدۇ.



ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغانسېرى، بەختكە تېخىمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ

 بۇ ئۇزۇن ھايات مۇساپىسىدە، سىزدىمۇ چوقۇم نۇرغۇن ئۆزىڭىزنى قايىل قىلالمايدىغان ۋاقىتلار بولغان بولۇشى مۇمكىن.

 ھالبۇكى، بەزىدە كۆز ئالدىمىزدىكى ئوڭۇشسىزلىق ئۇنچە ئېغىر بولمىسىمۇ، قورقۇش ۋە غەزەپلىنىشتىن ئىبارەت روھىي ھالەت ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش ھېسسىياتىمىزنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

 سىز بەلكىم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىر ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى كىشىلىك ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىش رولىنى ئوينىيالايدۇ.

 ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە يوشۇرۇنغان بىر ئېنېرگىيە بولىدۇ، ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى پەرق دەل ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا يۈزلىنىش- يۈزلىنەلمەسلىكىدە.

 كىشىلىك ھاياتتىن ئىبارەت بۇ مارافونچە يۈگۈرۈشتە، پەقەت روھىي ھالىتىنى تەڭشەشنى بىلىدىغان، يارا ئېغىزىنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان ئادەملەرلا ئازاب- ئوقۇبەتنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىنى يېڭىپ، ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

 ھازىردىن باشلاپ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىڭىزنى قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ.

 سىز شۇنىڭ بايقايسىزكى، تۇرمۇش ئاستا- ئاستا يېپيېڭى بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئاتلىنىدۇ.

 مۇنداق بىر گەپ بار: «ئۆزىڭىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرمەڭ، چۈنكى ھېچكىم ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ».

 بىزنىڭ جېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئۆتمۈشلەرنى باشقىلار كۆڭلىگە ئېلىپمۇ قويماسلىقى مۇمكىن.

 تولا ئاغرىنىش، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىمىزنى خورىتىۋېتىدۇ.

 ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارى بولسا ھەر بىر ئادەم ياخشى مەشىق قىلىشقا تېگىشلىك ياشاش ئىقتىدارىدۇر.

 ئىچكى دۇنيايىڭىز مۇستەھكەم بولغاندىلا، بارلىق بوران- چاپقۇننى يېڭىپ، قۇياش پارلىغان كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيسى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمە ئۈچۈن چوڭلار ئۆزلۈكىدىن ساقىيىشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم؟

تۇرمۇشتىكى جاپالار خۇددى پۇرژىنغا ئوخشايدۇ، سىز ئاجىز بولغانسېرى ئۇ كۈچىيىدۇ.