ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىزىپ قالغاندا تۇخۇم يېسە بولمامدۇ؟

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-20 16:12

 قىش پەسلى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولۇپ، نۇرغۇن كىشىدە زۇكام، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىلەر «قىزىپ قالغاندا تۇخۇم يېسە قىزىتمىنى قايتۇرۇشقا پايدىسىز، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك» دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا بىز مۇتەخەسسىسلەرنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.

  بىز دائىم يەيدىغان كۆپ قىسىم يېمەكلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، يېمەكلىك بەدەندە ئوكسىدلىنىپ پارچىلانغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇقچە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى خوراپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، بۇ «يېمەكلىك ئىسسىقلىق ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئېففېكت پەقەت ۋاقىتلىق بولىدۇ، كېسەللىك ئەمەس. شۇنداقلا بۇنداق ئارتۇقچە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن كىچىك، بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ چوڭ ئەمەس.

  ئادەمنىڭ مېتابولىزمى زۇكام بولغاندا، قىزىغاندا تېزلىشىدۇ، بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشى تېزلىشىدۇ، بۇ، ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش جەريانىدۇر، تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىزچىل ئىستېمال قىلماسلىق، ئەمەلىيەتتە، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز.

  تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، تەركىبىدە بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان ھەزىم بولىدۇ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有