ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇيقۇغا قېنىپ ئۇخلايلى | سىزمۇ تۈن بويى كىرپىك قاقماي تۇرۇپ ئاز ئۇخلاشنىڭ تەسىرىنى ئىزدەۋاتامسىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 09:00

مەنمۇ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنسانلارنىڭ گەرچە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ يەر شارى ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ چوققىسىدا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇخلاشتا بەخت تۇيغۇسىنىڭ ھەقىقەتەن يېتەرسىزلىكىنى بايقىدىم.

شەپەرەڭ بىر كۈندە 19.9 سائەت ئۇخلايدۇ، مۈشۈكنىڭ ئالاھىدە ئۇزۇن بولۇپ 14.5 سائەت ئۇخلايدۇ، شىمپەنزە بىلەن مايمۇننىڭ 9.5 سائەتلىك ئۇيقۇسىمۇ خېلىلا ئالدىدا تۇرىدۇ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر پاكىت شۇكى، پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار ئىچىدە ئىنسانلار ئەڭ ئاز ئۇخلايدۇ. 

ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇيقۇ ئەستە ساقلاش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ۋە ساغلاملىقنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر ئىنسانشۇناسنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى، بەدىنىدىكى ماي، يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىز ھەر كۈنى 9.5 سائەت ئۇخلىشىمىز كېرەك ئىكەن. غايە بىلەن رېئاللىقنىڭ پەرقى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ؟ بۇ ئارىلىقتا چوقۇم بىرەر غەلىتە ئىش يۈز بەردى ... 

ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، ئوۋچىلارنىڭ دەم ئېلىشى بەلكىم بىزنىڭ ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار دائىم كۈن ئولتۇرۇپ 3.3 سائەتتىن كېيىن ئۇيقۇغا كېتىدۇ ھەمدە كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ئويغىنىپ، ھەر كۈنى ئاران 5.7 سائەتتىن 7.1 سائەتكىچە ئۇخلايدۇ. 

ئۇنداقتا، زادى نېمە ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇسىنى شىمپەنزە ۋە باشقا ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن پەرقلەندۈرۈپ، تېخىمۇ «يۇقىرى ئۈنۈملۈك» ئۇيقۇ بەدىلىگە تېخىمۇ كۆپ سەگەكلىككە ئىگە قىلدى؟ 

 ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مەلۇم بىر ۋاقىتتا، ئەجدادلىرىمىز دەرەختىن يەرگە ئۆتۈپ ياشاشنى قارار قىلغان، بۇ ئەلۋەتتە ئۇخلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەرەختە ئۇخلاشنىڭ بارلىق پايدىلىق تەرەپلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ھايۋانلارنىڭ كېچىدىكى تەھدىتىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئىنسانلارنى دەرەختە ياشايدىغان پرىماتلارنىڭ ئۇخلىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاز قىلىدۇ. 

  ئۇخلىماي، ئۇزۇن كېچىنى قانداق ئۆتكۈزگىلى كېرەك؟ 

  ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئىنسانلار بىر قىسىم ئۇخلاش ۋاقتىنى گۈلخان يېنىدا ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا سەرپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كېچىدە، كىشىلەر ئارام ئېلىشتىنمۇ پايدىلىق ئىشنى تاپتى. ئاستا-ئاستا، كېچىدە ئارام ئېلىشتىنمۇ مۇھىم ئىشلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بىزنىڭ ئۇخلاشقا قالدۇرغان ۋاقتىمىز بارغانسېرى قىسقىراۋاتىدۇ. 

لېكىن، ئوخشاش ئۇخلاش ۋاقتى بېرىلسە، ھازىرقى زامان شەھەرلىكلەردە تۈرلۈك ساغلاملىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ، ئوۋچىلارنىڭ بەدىنىگە كەلگەندە، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى يوقاپ كېتىدۇ. 

ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىدىن رازى بولدى. ئۇلار ناھايىتى ئاز ئۇيقۇسىزلىنىدۇ، تەتقىقاتچىلار كۆزەتكەن ئىپتىدائىي قەبىلىلەردە ھەتتا ئۇيقۇ توسالغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان تىل يوق. بىر يىل ئىچىدە پەقەت %1.5 تىن %2.5 كىچە ئادەم بىر قېتىم ئۇيقۇسىزلىقنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.

شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ھەقلىقمىزكى، ھازىرقى زامان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇيقۇسىزلىقنى كىشىلەر ئارىسىدا كېڭەيتىۋېتىدۇ. پىسخىكىلىق ئىجتىمائىي سېزىمچانلىق مەنبەسى، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش ۋە ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇيقۇنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاش ۋاقتىدا ياتاق ئۆيگە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، كۆك نۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئۇيقۇ رىتىمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنىڭ يوشۇرۇن سەۋەبى دەپ قارىلىدۇ.

كىشىلەر بىر تەرەپتىن تۈنىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيقۇنىڭ ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ، تەشۋىشلىنىش شۇنىڭدىن پەيدا بولىدۇ.

بىز ئۇيقۇغا قاراتمىلىق ھالدا نۇرغۇن زېھنىمىز ۋە دىققىتىمىزنى سەرپ قىلىمىز، ئەمما ئوۋچىلارچۇ؟ ئۇلار مەلۇم ۋاقىت ئۇخلاشنى ئويلاش ئەمەس پەقەت ئۇخلاشقىلا ۋاقىت ئاجرىتىدۇ خالاس.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇيقۇغا قېنىپ ئۇخلايلى | سىزمۇ تۈن بويى كىرپىك قاقماي تۇرۇپ ئاز ئۇخلاشنىڭ تەسىرىنى ئىزدەۋاتامسىز؟

مەنمۇ ئۇيقۇ تەرىپىدىن قىينالغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنسانلارنىڭ گەرچە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ يەر شارى ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ چوققىسىدا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇخلاشتا بەخت تۇيغۇسىنىڭ ھەقىقەتەن يېتەرسىزلىكىنى بايقىدى.