ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ كۆزئەينەك كۆزگە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 12:09

  مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى يەنى 角膜塑形镜 «يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈزەشتىكى قالتىس ئەسۋاب» دەپ قارىلىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار ئىزچىل ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش خەۋپ-خەتىرىدىن ئەنسىرەيدۇ، «مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى» راستتىنلا مۈڭگۈز پەردىگە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟ قانداق قىلغاندا توغرا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

  مۈڭگۈز پەردە ئېلاستىكلىققا ئىگە بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇڭا، مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكىنى تاقىغان ۋاقىت بەك قىسقا بولسا ياكى دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە تاقىمىسا، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مۈڭگۈز پەردە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ.

  مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى ئادەتتە بالىلارغا ئىشلىتىلىدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئېلاستىكلىقى بالىلارغا قارىغاندا ئاجىز، ئىشلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، ئىشلىتىش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن. پايتەخت تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى بېيجىڭ تۇڭرېن دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى مۈڭگۈز پەردە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يەن چاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى ئادەتتە 10 ياشتىن ئاشقان بالىلار تاقايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بىر داۋالاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە تەكشۈرۈپ سەپلەش كېرەك. ئەگەر مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى ياخشى سەپلەنمىگەن بولسا، تۈزەش ئۈنۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايلا قالماستىن، يەنە مۈڭگۈز پەردە يارىسى ۋە مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆزگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ.

  سەنشى ئۆلكىلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى فېڭ شۆلياڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتە 400 گىرادۇس ئىچىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈزەتكىلى بولىدۇ، قىسمەن ماركىلار 600 گىرادۇستىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈزىتەلەيدۇ؛ ئەگەر بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە، تۈزەش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆزنىڭ شەكلى، رېئاكسىيە قىلىش-قىلماسلىق، كۆز كېسەللىكلىرى بار-يوقلۇقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئويلىشىش كېرەك، مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

  كىشىلەرنىڭ مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكىنىڭ خەتىرىدىن ئەنسىرىشى ئاساسلىقى ئۇيقۇ مەزگىلىدە كۆزگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن بولغان ئەندىشىدىن كەلگەن. ئۇيقۇ مەزگىلىدە، كۆز قاپىقى سىرتقى مۇھىتتىكى بىر قىسىم ئوكسىگېننى ئايرىۋېتىپلا قالماستىن، يەنە كۆز چىمچىقلىمىغاچقا، ياشنىڭ ئايلىنىشى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدۇ. كۆزگە ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، ئاسانلا ياللۇغلىنىش ياكى مۈڭگۈز پەردە زەخىملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

  لېكىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكىنى ئىشلەتكەندە، بۇ مەسىلىلەردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بېيجىڭ مىڭشىگۇاڭ كۆز كېسەللىكلىرى ئوپېراتسىيە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاۋ يېنىڭ ئېيتىشىچە، مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكىگە ئىشلىتىلىدىغىنى ئالاھىدە ماتېرىيال بولۇپ، شەكىلگە كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوكسىگېن ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكىنى ئىشلەتكەندە، ئاساسەن كەچتە كۆزنى يۇمۇپ ئۇخلاش سەۋەبلىك مۈڭگۈز پەردىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكىنى لايىھەلەشمۇ ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆز يېشى كەم بولۇش، مۈڭگۈز پەردىنى نەمدەش مەسىلىسى كۆرۈلمەيدۇ.

  مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا يەنە نۇرغۇن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار.

  ئەگەر ئەينەك ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ھەرگىز داۋاملىق تاقىماسلىق كېرەك. ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەينەكنىڭ يېرىلغان-يېرىلمىغانلىقى ياكى بۇلغانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملىق ئىشلىتىش كېرەك.

  ئەگەر شۇ كۈنى كۆز زىيادە كۆپ ئىشلىتىلسە ياكى كۆز بىئارام بولسا، شۇ كۈنى كەچتە مۈڭگۈز پەردە پىلاستىك شەكىللىك ئەينەك ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. بالىلار بەزىدە بەدىنىنىڭ بىنورماللىقىنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۆزىدە قىزىرىش، قىچىشىش، قۇرغاقلىشىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقىسا، كەچتە بالىلارغا بۇ ئەينەكنى تاقىماسلىقى، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك. ئەگەر ئەينەكنى بىر كېچە تاقىۋالغاندىن كېيىن، بالا ئەتىگەندە ئويغانغاندا بىئاراملىق ھېس قىلسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك، قانچە كەينىگە سۈرۈلگەنسېرى داۋالاش شۇنچە تەس بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى ناھايىتى نېپىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى مولېكۇلالىق پولىمېرلانغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سوغۇققا يولۇقسا چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ. مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى قىش پەسلىدە ناھايىتى ئاسانلا پارچىلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك پەرۋىش قىلىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ كۆزئەينەك كۆزگە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟

مۈڭگۈز پەردىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئەينىكى يەنى角膜塑形镜 «يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈزەشتىكى قالتىس ئەسۋاب» دەپ قارىلىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار ئىزچىل ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش خەۋپ-خەتىرىدىن ئەنسىرەيدۇ،