ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مائارىپ مىنىستىرلىقى كۆپ خىل تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-29 15:58

  مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى»نى يېتەكچى قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدىكەن.

  مەۋقەنى «كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا قويۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىكى «بەش تەربىيە»نى تەڭ تۇتۇپ، پىسخىك ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار پىسخىكا ساغلاملىقى خىزمىتى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىغا تايىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى مەسىلىسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىغا قارىتا، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. زېھنىي كۈچ ۋە بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى كۆزىتىش سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى كۆزىتىدىغان ئىلمىي، قېلىپلاشقان سىستېمىنى بەرپا قىلىدۇ. مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى مەسىلىسىنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ بايقاش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېز يۆتكەپ داۋالاش «يېشىل يولى»نى ئاچىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ۋە بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار پىسخىكا ساغلاملىقى دەرسخانىسى» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مائارىپ مىنىستىرلىقى كۆپ خىل تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ

مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2024- يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى»نى يېتەكچى قىلىپ،