ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ ناۋرۇ زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 14:44

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 26-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ناۋرۇ بۇ يىل 1-ئايدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. رەئىس شى جىنپىڭ 25-مارت زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى، بۇ جۇڭگو-ناۋرۇ مۇناسىۋىتىدە رەسمىي يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ناۋرۇ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش رامكىسى ئاستىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.

  ئادىئاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ناۋرۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قوللاشقا ۋەدە بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ناۋرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ ناۋرۇ زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 26-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ بىلەن كۆرۈشتى.