ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش» يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كەيپىيات، قارلىق ئېگىزلىكتە يېڭى قەدەم تاشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-29 14:21

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىزاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بارلىق تەرەققىياتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

  3-ئايدىكى شىزاڭنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. لىنجى شەھىرى بايى رايونى لىنجى بازىرى گالا كەنتىدە نەچچە مىڭ تۈپ ياۋا شاپتۇل چېچىكى ئۆز قەرەلىدە ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى ھەم سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. يېڭىلا ئاياغلاشقان گالا كەنتىنىڭ 2024-يىللىق ساياھەت سودىگەر چاقىرىش يىغىنىدا، كەنت كوللېكتىپى ۋىۋىسكا ئاسقان بىر نەچچە ساياھەت سۈرەتكە تارتىش ئورنى، يېمەك-ئىچمەك يايما ئورنى بەس-بەستە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 300 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشۇردى. ساياھەت سۈرەتكە تارتىش دۇكىنىنىڭ تىجارەتچىسى ۋۇ شۈەي مۇنداق دېدى: گالا كەنتىدىكى ياۋا شاپتۇل چېچىكى ناھايىتى چىرايلىق، كۆرىدىغان ئادەم كۆپ.

  گالا كەنتى «شاپتۇللۇق» مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەيلە قىلىش، مېۋە ئۈزۈش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، يىللىق كىرىمى 13 مىليون يۈەندىن ئاشتى، كەنتتىكى 33 ئائىلە يېزا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كۆردى. گالا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بيەن با مۇنداق دېدى: بىزنىڭ گالا كەنتىمىز ساياھەت كىرىمى، ئېكولوگىيە كىرىمى قىلالايدىغان بولدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياخشى سىياسىتى. شاپتۇل چېچىكى بايرىمىغا ئاز قالدى، سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى زورايدى، پۇقرالارغا تەقسىملىنىدىغان پايدا بارغانسېرى كۆپەيدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 1 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسىگە ئىگە، 50 مىللەت ئولتۇراقلاشقان شىزاڭدىن ئىبارەت بۇ قارلىق ئېگىزلىكتە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2021-يىلى 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، لىنجى يېڭى كونا شەھەر رايونى تۇتاشقان جايدىكى گۇڭبۇ باغچىسىغا كېلىپ، باغچا مەيدانىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان يەرلىك ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە بەخت تىلەپ: مەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى، ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  دىققەت خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە ياخشىلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى، بولۇپمۇ مائارىپ جەھەتتە، يەسلى مائارىپى، ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قەدەر مۇكەممەل زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4700 مېتىر كېلىدىغان ناچۈ شەھىرى نېروڭ ناھىيەلىك دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى شىزاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل ئەتىيازدا شىمالىي شىزاڭدىكى تۇنجى بېسىملىق ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان تەنتەربىيە سارىيىنى قۇردى. 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى سۈي جيې مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ ۋاسكېتبول مەيدانىمىزنىڭ ۋاسكېتبول ئەسلىھەلىرىمۇ ناھايىتى كەسپىي، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئازادە، بىخەتەر، مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە يايلاقتىن چىقىپ، تېخىمۇ چوڭ مۇسابىقە مەيدانلىرىغا بېرىپ توپ ئويناشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىزاڭ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم زور كەسىپ تۈرلىرىنى كۈچەپ پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يېنىك سانائەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، شىزاڭچە ئالاھىدىلىككە ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلدى. جۇڭگو-نېپال چېگراسىغا جايلاشقان رېكازې شەھىرى جىلۇڭ بازىرىدا، شىزاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە 43 تۈرگە تەخمىنەن 3 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك موتوسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلۈپ، چېگرا سودىسى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى يېتىشتۈرۈلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. جىلۇڭ خەلقئارا چېگرا سودىسى بازىرىدىكى سودىگەر باجا مۇنداق دېدى: ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە بىر دۇكاندىن 8000 يۈەن باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىمىز بار، مەن يەنە ئەشيا ئوبوروت شىركىتى ئاچتىم، ھەممە نەرسە قولايلىق، ناھايىتى ياخشى.

  رىكازى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىشتىكى كادىرلار ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پېڭ يىخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رىكازى جەنۇبىي ئاسىياغا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم يول بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت كەسپى، سودا كەسپى، ئىمپورت-ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرماقتا. پېڭ يىخاۋ مۇنداق دېدى: يول، ئەشيا ئوبوروتى، ئادەم، مەبلەغ، سودا، كەسىپ قاتارلىق ھەرقايسى ئامىللارنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىكازىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات يولغا قويۇلغان 65 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 600 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. 2023-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 239 مىليارد 267 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1965-يىلىدىكىدىن 730 ھەسسە ئاشتى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جىڭسەي مۇنداق دېدى: شىزاڭ ئېگىزلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا باشلامچى رايون بەرپا قىلىپ، يەتتە چوڭ تۈر، 89 تۈرلۈك پىلان كۆرسەتكۈچىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىزاڭ ئېگىزلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كۈچەپ كىچىكلىتىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ماھايەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىزاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتىدۇ.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش» يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كەيپىيات، قارلىق ئېگىزلىكتە يېڭى قەدەم تاشلاندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىزاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بارلىق تەرەققىياتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.