ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-18 10:43

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-سانلىق يىغىنىنى 2-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-سانلىق يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 14-سانلىق يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىش، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 14-سانلىق يىغىنى قارالمىسى ھەققىدە بېرىلگەن تەكلىپلەر يەنە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش قاتارلىقلار.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يەنە مالىيە خامچوت ئىشلىرىنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتى چارىسى ئارگېنالى قاراپ چىقىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ 2024-يىللىق ئاممىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى دائىمىي كومىتېت 14-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە بەنگۇڭتىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېت 14-سانلىق يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.