ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەر شارى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا جۇڭگو تۆھپىسى قوشۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-28 09:52

نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەكرار كۆرۈلۈپ، جۇغراپىيەۋى سىياسىي ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئېغىر كەمچىل بولماقتا. تەرەققىياتتىكى مۇشۇ قىيىن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ جۇڭگو تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ مەنپەئەتدار، تېخىمۇ ئەۋرىشىم يەر شارى تەرەققىياتىنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە يىراق كەلگۈسى ئېھتىياجىغا چوڭقۇر ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسى توسالغۇغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دۆلەتلەر بۆلگۈنچىلىك، قارشىلىشىش، زەنجىرنى ئۈزۈپ قويۇش ھەققىدە ئاشكارا داۋراڭ سالماقتا. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئوچۇق پوزىتسىيە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلدى. جۇڭگو 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى بولۇپ قالدى؛ ئۇدا بەش نۆۋەت جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئېچىپ، ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى جڭگو بازىرىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئۆز كارخانىلىرىنى دۇنياغا ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى، جۇڭگو ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈردى. گېرمانىيە بېرلىن پرۇسسىيان جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى فۇلكىر چابۇك مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرىلىشى، تىنچ بىللە ئۆتۈشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشى ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، بۇ دەل جۇڭگو ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان نىشان.

نۆۋەتتە، دۇنيا تەرەققىياتى تەكشى تولماسلىق، تەڭپۇڭ بولماسلىق ھادىسىسى گەۋدىلىك بولماقتا، يەر شارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ئاممىۋىي مەھسۇلات كەمچىل بولماقتا. جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئاممىۋىي مەھسۇلات بىلەن پائال تەمىنلەپ، تېخىمۇ مەنپەئەتدار يەر شارى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولماقتا.

جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىدا يەر شارىدا تېخىمۇ مەنپەئەتدار تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ پىلانى تۈزۈلدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى دوستلار گۇرۇپپىسى»غا ئەزا دۆلەت 60 تىن ئاشتى. جۇڭگو يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولۇپلا قالماستىن بەلكى بۇ تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 82 تىرانسپورت لىنىيەسى ياتقۇزۇلدى، بۇ ياۋروپادىكى 24 دۆلەتتىكى 200 شەھەرگە تۇتىشىدۇ؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، 149 دۆلەت، 32 خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن 200 دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. مالايسىيا يېڭى ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ۋېڭ شىجيې مۇنداق دەپ قارىدى: يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئىرق، دىن، مەدەنىيەت ھەتتا ئىدېئولوگىيەنىڭ چىتلىقىدىن ھالقىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇيغۇنلۇققا ۋە سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە. بىرازىلىيە سانپاۋلو ئىشتاتلىق داشۆنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى لۇئىس باۋلىنو مۇنداق دەپ قارىدى: يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

ھىندونېزىيە، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «مۇقىم ۋە ئەۋرىشىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسى»نى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر بىرلىكتە يەر شارى پاكىزە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھى مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، يەنە خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، جۇڭگو يەر شارى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئەۋرىشىملىككە ئىگە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى.

نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەم شۇنداق. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى؛ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرز كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا قەرز كېچىكتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت؛ «جۇڭگو-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى»، «يەر شارى تەرەققىياتى ۋە جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى فوندى» قۇرۇپ، 160 نەچچە ئېھتىياجلىق دۆلەتنى تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قوللىدى؛ 20 دۆلەت گۇرۇھىدا رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ھەرىكىتى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پىلان جەنۇب ۋە شىمال دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى رەقەم ھېڭىنى تارايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

جۇڭگو تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. جۇڭگو يەر شارى تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتناشقۇچى ۋە تۈرتكە بولغۇچى، يەر شارى تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يەر شارى تەرەققىياتى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، يەر شارى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو تۆھپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەر شارى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا جۇڭگو تۆھپىسى قوشۇلدى

نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەكرار كۆرۈلۈپ، جۇغراپىيەۋى سىياسىي ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئېغىر كەمچىل بولماقتا.