ۋېنېزۇئېلا كولومبىيە بولغان چېگراسىنى قايتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋەتتى
ۋېنېزۇئېلا 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كولومبىيە بىلەن بولغان چېگراسىنى قايىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋەتتى، شۇ كۈنى يولۇچىلار، يۈك قاتارلىقلار چېگرا ھالقىغان تىندىتاس خەلقئارا كۆۋرۈكىدىن ئۆتتى. 2019-يىلى 2-ئايدا، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدىكى كولومبىيە ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلەپ، كولومبىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندە چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىككى تەرەپلىك سودا غايەت زور زەربىگە ئۇچرىغان. 2022-يىلى 8-ئايدا، كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغان.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار