ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 16:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

شى جىنپىڭ شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭ بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ھەمكارلىشىش، ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقى، بايلىق جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش، ئەمگەك كۈچلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، رايونلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان، تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەركەزدىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ياردەم بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەملىكەتلىك شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلار نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى4-ئاينىڭ 8-كۈنى نىڭشيانىڭ يىنچۈەندە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىلىق ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزدىكى ئورۇنلار كادىرلارنى تاللاپ ئەۋەتىش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، كەسىپ بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان ناھىيەلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

يىغىندا شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ھەمكارلىشىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ئۇقتۇرۇلدى. نىڭشيا، بېيجىڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇيجۇ، گەنسۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان باشلامچى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى

شى جىنپىڭ شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى