ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 17:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا خېنەن قاتارلىق جايلاردا ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، جېڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئېغىر ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈز بەردى، بەزى دەريالاردا سۇ چېنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى، قىسمەن سۇ ئامبارلىرىنى يار ئېلىپ كەتتى، قىسمەن تۆمۈر يوللاردا قاتناش توختىتىلدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ھالقىلىق مەزگىلگە كىردى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، تېزدىن كۈچ تەشكىللەپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت كېلىپ چىقىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشى كېرەك. ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار يەرلىكنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال ھەمكارلىشىشى كېرەك. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە خەۋپنى تۈگىتىشنى، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، يامغۇر، تەيفېڭ بورىنى، لاتقا شېغىللىق ئېقىن قاتارلىقلاردىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپەت سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە «ئېغىر ئاپەتتىن كېيىن ئېغىر يۇقۇم» كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.












中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ،