ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جۇڭگو سۈپەت يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 15:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-سېنتەبىر جۇڭگو سۈپەت (خاڭجۇ) يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۈپەت-ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ھەر قېتىملىق سۈپەت ساھەسىدىكى ئۆزگىرىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن. جۇڭگو سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگە كۈچ چىقىرىپ، سۈپەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، سۈپەت خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سۈپەت ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

جۇڭگو سۈپەت (خاڭجۇ) يىغىنى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى، «سۈپەت بىلەن رەقەمنى بىرلەشتۈرۈش»-يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى، يىغىننى دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن خاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جۇڭگو سۈپەت يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-سېنتەبىر جۇڭگو سۈپەت (خاڭجۇ) يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.