ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ يەتىكەن قوللىنىش باشلىقلار يىغىنىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 15:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-سېنتەبىر تۇنجى نۆۋەتلىك يەتىكەن سىستېمىسىنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يەر شارىنىڭ رەقەملىشىش تەرەققىياتى كۈنسايىن تېزلىشىپ، زامان-ماكان ئۇچۇرى، ئورۇن بەلگىلەپ يول باشلاش مۇلازىمىتى مۇھىم يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەگە ئايلاندى. بۇلتۇر 7-ئايدا مەن يەتىكەن 3-نومۇرلۇق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەتنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، يەتىكەن سىستېمىسى يەر شارىدىكى يېرىمدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيتىلدى ۋە ئىشلىتىلدى، يەتىكەن سىستېمىسىنى كۆلەملىك قوللىنىش-بازارلىشىش، كەسىپلىشىش، خەلقئارالىشىش تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەتىكەن سىستېمىسى جۇڭگو خەلقىگە شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى. جۇڭگو ئېچىۋېتىپ يۇغۇرۇش، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇپ ئۆز ئارا تولۇقلاش، نەتىجىدىن ھەمبەھىرلىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەتىكەن كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھىرلىنىپ، يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق يەر شارىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

تۇنجى نۆۋەتلىك يەتىكەن سىستېمىسىنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنى شۇ كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئېچىلدى، «يەتىكەن دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۇنى قوللىنىش كەلگۈسىگە كۈچ قوشىدۇ»-يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ يەتىكەن قوللىنىش باشلىقلار يىغىنىنى تەبرىكلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-سېنتەبىر تۇنجى نۆۋەتلىك يەتىكەن سىستېمىسىنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.