شى جىنپىڭ زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدى
شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ قاتارلىق ھەمراھلىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.
موسكۋادىن ئايرىلىدىغان چاغدا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى چېرنېشېنكو قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى ھەم داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.