شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، مەن سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن، سىزنىڭ ئىككى تەرەپكە قولايلىق ۋاقىتتا جۇڭگوغا بالدۇرراق زىيارەتكە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا