شى جىنپىڭ: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلدۇق
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى 25-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىندى، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملىنىپ، تارىخ سەھىپىسىنى چاقنىتىدىغان يەنە بىر مۆجىزە يارىتىلدى! بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى!
شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەنلەرگە ئوردىن، گۇۋاھنامە، شەرەپ تاختىسى تارقىتىپ بەردى.