ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ كونگو كىنشاسا زۇڭتۇڭى زىسېكېدى بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-08 10:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كونگو كىنشاسا زۇڭتۇڭى زىسېكېدى بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كونگو كىنشاسا جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى.

جۇڭگو جۇڭگو-كونگو كىنشاسا مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كونگو كىنشاسانىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، كونگو كىنشاسا بىلەن سىياسىي ئالاقە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. كونگو كىنشاسا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو-كونگو كىنشاسا ھەمكارلىقىغا يېڭى سەھنە ھازىرلاپ، يېڭى ئىستىقبال ئاچتى. جۇڭگو كونگو كىنشاسا بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق پىلانلاپ، ئىقتىساد-سودا، ئۇل ئەسلىھە، داۋالاش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-كونگو كىنشاسا مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچەيدى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. جۇڭگو كونگو كىنشاسانىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى قوللايدۇ، كونگو كىنشاسا بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى سەھىيە، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

زىسېكېدى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن كونگو كىنشاسا ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. كونگو كىنشاسا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، كونگو كىنشاسا بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، كونگو كىنشاسا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىغا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلىنىدۇ. كونگو كىنشاسا جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، بايلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ماددىي ئەشيا، ۋاكسىنا قاتارلىق ياردەملەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئافرىقا جۇڭگو بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىت ئاسراش، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىق مۇنبىرىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ كونگو كىنشاسا زۇڭتۇڭى زىسېكېدى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كونگو كىنشاسا زۇڭتۇڭى زىسېكېدى بىلەن تېلېفونلاشتى.