دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:
بىرىنچى، لى چاڭلىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇرۇندى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ جاۋ جياڭپىڭ (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇرۇندى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. ئىككىنچى، لى لى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراكەش پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ لى چاڭلىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراكەش پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. ئۈچىنچى، جاۋ يەنبو جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوتسۋانا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ۋاڭ شۆفېڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوتسۋانا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.