ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق كۈرەش مۇساپىسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 10:02

 بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭخۇا پەرزەنتى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئورتاق گۇۋاھ بولدى، يۈز يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە ئەزالىرى 95 مىليوندىن ئاشتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتنى يېتەكلەپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك ئالەمشۇمۇل داستاننى يېزىپ چىقتى.

1840-يىلى ئەپيۈن ئۇرۇشى پارتلاپ، ئىلگىرىكى شانلىق فېئودال ئىمپېرىيە چاك-چېكىدىن ئاجراپ، ھالاك بولدى.

قاراڭغۇلۇقتا قالغان جۇڭگو خەلقى مۈشكۈلات ئىچىدە ئىزدىنىپ، 80 نەچچە يىل گاڭگىراپ قالدى.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم-لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلدى. 1921-يىلى بارلىققا كەلگەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قىيىنچىلىقتا قالغان بىر مىللەتنى يورۇقلۇققا باشلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كېلىپلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ بېكىتتى».

جۇڭگو كومپارتىيەسى بولغاچقا، جۇڭگو ئىنقىلابى توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە، جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك رەھبەرلىككە، جۇڭگونىڭ تەقدىرى پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولدى.

خورلۇق تارتىش، كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىش، غەيرەتكە كېلىش، قاتتىق تاۋلىنىش جەريانىدا، كوممۇنىستلار مىللەتنى ئويغىتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى. جاھالەت ئىچىدىن يۆنىلىش ئىزدەپ، قاراڭغۇلۇقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، غايەت زور ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىكى جاپا-مۇشەققەتتىن «مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىش»قىچە، جىڭگاڭشەندىكى ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىشتىن يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتەك ئىنقىلاب يولىغىچە، 5-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش مەغلۇپ بولۇشتىن 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىنكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قايتا باش كۆتۈرۈشكىچە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپكە قاراپ مېڭىشتىن ئازادلىق ئۇرۇشىغىچە، يەنە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تيەنئەنمېن مەيدانىدا لەپىلدەشكىچە، «ئىنسانلار ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگولۇقلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇرۇش»قىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى قايتا-قايتا ھايات-ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، "ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن"دېگەن قورقماس جاسارەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ داستاننى يېزىپ چىقتى».

100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ئىشلارغا ئۇل سېلىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، كەلگۈسىنى ئاچتى.

ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.

پەقەت جۇڭگو كومپارتىيەسىلا جۇڭگو خەلقىنى ئويغىتىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، خەلقنى قۇدرەتلىك تارىخىي ئىجادىيەت سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقنى يېڭى ھاياتنى باشلاشقا، يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشقا يېتەكلىيەلەيدۇ.

ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، مەيلى قانچىلىك خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىش، مەيلى قانچىلىك قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە زورىيىشىنى دۆلەت، مىللەت، خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغان.

«ئەسلى مەقسەتكە يەتمەك ئاسان، ئۇنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش تەس».

زامان-ماكان ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قەتئىي نەزەر، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى تېخىمۇ چىڭىدى. مەيلى قاچان، قەيەردە بولسۇن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى بايراق، يىمىرىلمەس كۈچ.

جۇڭگو كومپارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئەمەلىي ئارخىپلار، جانلىق ۋىدېيولار، ئەينەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ، يېڭى جۇڭگونىڭ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

كۈرەش يۈز يىلغا سىڭگەن مەڭگۈلۈك تېما. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، توسالغۇلار تۈگىتىلدى، بۇرغىلار ياڭرىدى، ھەممەيلەن جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:«100 يىلدىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى».

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىلا تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، توغرا ئىستراتېگىيە، تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تارىخ ياراتقان تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرالايدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، نامرات ھەم قالاق بولغان ئەھۋالدا مۇستەقىل سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش خۇاشيا زېمىنىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭقۇر ئىنقىلاب قوزغاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆك نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چېقىلدى ...... خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە.

ئۆتمۈش تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى، ھازىر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق كۈرەش مۇساپىسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭخۇا پەرزەنتى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئورتاق گۇۋاھ بولدى،