ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-27 18:35

 ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىللىق «23-ئاپرېل» دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە، تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجىنىڭ تەبرىك خېتى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز بىلىمگە ئېرىشىپ، ئەقىل-پاراسىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشقا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىتاب ئوقۇش-ئىنسانلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش، ئەقىل-پاراسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم يولى بولۇپ، كىشىنى ئىدىيەۋى ئىلھامغا ئېرىشتۈرۈپ، ئالىيجاناب غايە تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىشىدە ئۇلۇغۋار روھنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇ-پۈتۈن جەمئىيەتكە كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىم قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ بەردى. تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يېفېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بىز كىتابخۇمار جۇڭگو بېيجىڭ كىتاب ئوقۇش پەسىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى مەخسۇسلاشتۇرۇش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش ۋە ماركىلاشتۇرۇش جەھەتتىن كۈچ چىقىرىپ، كىتاب ئوقۇشنى ھەممە جايدا ئومۇملاشتۇرىمىز.

چېڭدۇ شەھىرى دۇڭچېڭگېن كوچىسى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى لەي خەنمېي مۇنداق دېدى: بىز كىتاب ئوقۇشنى بايرامغا ئايلاندۇرۇش كېرەك دەپ قارىمايمىز، لېكىن كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، بالىلارغا كىتاب ئوقۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق،  ئاخىرىدا ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى دۇڭخۇ رايونلۇق كۇتۇپخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لو خۇيمىن مۇنداق دېدى: بىز ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يۈجاڭ دەرسخانىسى، كۇتۇپخانا تەشۋىقات ئاپتوموبىلى، پۈتۈن شەھەردە كىتاب ئوقۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كىتاب ئوقۇش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىتابخۇمارلىق، مەدەنىيەت، كىتاب ئوقۇشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

باش شۇجىنىڭ تەبرىك خېتى نەشرىيات خىزمەتچىلىرىنىمۇ چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. تيەنجىن نەشرىيات تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جى شيۇرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئامما ياخشى كۆرىدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇشلۇقلارنى نەشر قىلىپ، پائالىيەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، بولۇپمۇ يېڭى تاراتقۇ شەكلى ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 8-ئايدا تەرمىلەر نەشرىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. تەرمىلەر نەشرىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن  باشلىقى جۇ لىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019-يىلىدىن بۇيان، گۇرۇھىمىز گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ 200 نەچچە دۇكىنىنى «نۇقتا» قىلىپ، ئەنئەنىۋى كىتاب سېتىش ئورۇنلىرىنى ئاممىۋى مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش بوشلۇقىغا ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ھەم ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرى ۋە يېزا-كەنت مەدەنىيەت ئۆتەڭلىرىنى نۇقتا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى كېڭەيتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇپ ۋە ئۆگىنىپ، ئۆزىنى تەربىيەلەپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى؛ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ پۈتۈن جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ سەمىمىي ئۈمىد پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. خېنەن ئۆلكىسى پۇياڭ شەھىرى خۇالۇڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دېلوغا قاراپ چىقىش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى لى رۇ مۇنداق دېدى: ئۆگىنىش جەريانىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئېرىشىپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلالايمىز.

شەرقىي شىمال سىفەن داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى شاۋ جىخاۋ مۇنداق دېدى: 3-ئايدا ئۆيدە تۇرۇپ ئۆگىنىش قىلغاندىن بۇيان، مەكتىپىمىز توردا كىتاب ئوقۇيدىغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئالاھىدە تەشكىللىدى. بىز يەنە بالىلارنى ئۆيلىرىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە كىتاب ئوقۇپ، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردۇق. بىز ساۋاقداشلارنىڭ كىتاب ئوقۇش جەريانىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى

ئەنگلىيە: سەۋەبى ئېنىقسىز بالىلار جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمار 100دىن ئېشىپ كەتتى