ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ماكروننىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-27 18:55

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ماكرونغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ تەڭ يېتەكلىشىمىز ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى بىرلىكتە قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە يېڭى تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە-مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئەنئەنىسىگە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. مەن جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىمەن، داۋاملىق زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە، «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ماكروننىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ماكرونغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.