ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-18 20:08

 

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى 10-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى. 

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى، زور مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بۇنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. 

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەڭ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. تەڭ بېيىش-جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەقسىماتنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. 

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كاپىتالنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا كاپىتالنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كاپىتالنىڭ پاسسىپ رولىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش لازىم. 

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دەسلەپكى مەھسۇلات تەمىنات كاپالىتىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بايلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چەتئەللەردىكى بايلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: زور خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، زور خېيىم-خەتەر ياكى كىرىزىس يۈز بېرىشتىن تىرىشىپ ساقلىنىش لازىم. ئومۇملۇقنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىي فاڭجېنى بويىچە، خېيىم-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. 

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، لېكىن بۇنى بىر قېتىمدىلا ئورۇنلاپ بولغىلى بولمايدۇ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوش قوزغىتىش، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن راۋان بولۇش، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى كۆمۈرنى ئاساس قىلغان تۈپ دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىدىكى «قوش تىزگىنلەش» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قوش تىزگىنلەش»، «قوش كاربون» خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئېنېرگىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى 10-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى