شى جىنپىڭ بايدىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىنغا تېلېگرامما يوللاپ، زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت