ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ خەلقئارا مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 09:40

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە مۇقىملىقى خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە مۇقىملىقى خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش-دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتلىق خاراكتېرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، بىخەتەر-مۇقىم، راۋان-يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى سىستېمىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشۇش، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە مۇقىملىقى خەلقئارا مۇنبىرى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، «جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، ئەۋرىشىملىككە ئىگە يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىشقا ئەمەلىي تۈرتكە بولۇش»-مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، مۇنبەرنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

تەرجىمان:ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ خەلقئارا مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە مۇقىملىقى خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى