ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ توگو زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 09:42

شى جىنپىڭ توگو زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو-توگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى توگو زۇڭتۇڭى فورېي بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن توگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ياراتتى. ئىككى دۆلەت خەلقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، جۇڭگو-توگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. مەن جۇڭگو-توگو مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ فورېي بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-توگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

فورېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توگو بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، مۇقىم، مول نەتىجىلىك بولدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىلگىرى سۈرىشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، مول نەتىجىلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو  باشتىن ئاخىر توگونىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى ھالقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى بولۇپ كەلدى. بىز جۇڭگونىڭ ئاۋۋالقىدەكلا ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، تەڭ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقارغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز. توگو بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، توگو بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

تەرجىمان:ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ توگو زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

شى جىنپىڭ توگو زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو-توگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى