ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr.cn

باش خەۋەر شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئېنانى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئېنانى بىلەن كۆرۈشتى.

مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالدىنقى تۆت ئايدا يېمەكلىك ئىمپورت-ئېكسپورتى 594 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يەتتى

تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى 594 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشقان.

15:54 2026-05-13

جايلاردا «شەھەرلەر دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» قىزىپ كەتتى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلاردا «شەھەرلەر دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» قىزىپ كەتتى، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئەۋج ئالدى، «بېلەت ئىقتىسادى» ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

15:53 2026-05-13

مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %96كە يەتتى

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى: بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %96 كە يېتىپ، دۆلىتىمىز يېزىلىرىنىڭ سۇ تەمىنات كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دېدى.

15:52 2026-05-13

1-پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 96 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 96 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى باشلاندى.

15:44 2026-04-30

«ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2026-يىللىق تولۇق كۇرس كەسىپلىرى مۇندەرىجىسى»ئېلان قىلىندى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2026-يىللىق تولۇق كۇرس كەسىپلىرى مۇندەرىجىسى»نى ئېلان قىلدى،

14:47 2026-04-29

مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى مەملىكەتلىك «1-ماي»ئەمگەك مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل مەملىكەتلىك «1-ماي»ئەمگەك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى تەقدىرلىدى.

14:46 2026-04-29

«1-ماي»دەم ئېلىش مەزگىلىدە رايون ھالقىپ يۆتكىلىدىغانلار مىقدارىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدۇ

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «1-ماي»دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكىلىغانلار مىقدارىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار داۋاملىق بېسىق ھالەتتە قاتنايدۇ.

14:45 2026-04-29

دۆلىتىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

«مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» يېقىندا ئېلان قىلىندى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىنى ئاچتى،

14:44 2026-04-29

«15-بەش يىلنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش» ھەققىدىكى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تيەنجىن، جياڭشىنىڭ «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە زور ۋەزىپىلىرى تونۇشتۇرۇلدى

تيەنجىن ۋە جياڭشى يېقىندا «15-بەش يىلنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش» ھەققىدىكى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېچىپ، شۇ جايلارنىڭ «15-بەش يىللىق» پىلان پىروگراممىسىنى چۆرىدەپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە زور ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

14:43 2026-04-29

3 - ئايدا، دۆلىتىمىزدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئېشىپ، توكلاش، توك ئالماشتۇرۇش، ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەتچىلىكىدە توك ئىشلىتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 3-ئايدا، دۆلىتىمىزدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 859 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى.

16:08 2026-04-21

جۇڭگونىڭ ئادەمسىمان ماشىنا ئادىمىنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنشى قەدىمى تېزلىدى، ماشىنا ئادەم كەسپىدە ئۈزلۈكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىگنالى قويۇپ بېرىلدى

نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ماشىنا ئادەم كەسپى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنا ئادەم كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ماشىنا ئادەم ئېكسپورتى سىجىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى. كەسىپ زەنجىرىدىكى ئالاقىدار زاپچاس كارخانىلىرىنىڭ زاكاز تالونى يېتىشەلمەي قالدى.

16:07 2026-04-21

2025-يىلى دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە قەغەز كىتاب ئوقۇش مىقدارى 4.81 پارچە بولدى

23-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىندى

16:06 2026-04-21

5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى جياڭشىنىڭ نەنچاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى جياڭشىنىڭ نەنچاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

16:04 2026-04-21

جايلار مەخسۇس پويىز سەپلەپ، ئەتىيازلىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

جايلاردىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە گۈل سەيلىسى مەخسۇس پويىزى، ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىشىنى يولغا قويۇپ، «كۆچمە مەنزىرە لىنىيەسى»ئارقىلىق يول بويىدىكى باھار مەنزىرىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنى باھار ئىقتىسادىنىڭ «گۈزەل موتورى»غا ئايلاندۇردى.

10:19 2026-04-12

جېجياڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى، شىزاڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈردى

«15-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىرى قىلىندى.

10:34 2026-04-05

دۆلىتىمىز دەپنە ئىشلىرى كەسپىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلدى

دۆلىتىمىز دەپنە ئىشلىرى كەسپىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلدى

10:35 2026-04-05

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۈتۈۋېلىندى

4-ئاينىڭ 4-كۈنى چىڭمىڭلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، سەپەرگە چىققانلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر تەخمىنەن 296 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

10:35 2026-04-05

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى يىنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئاپەت خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى ئاپەتكە چېتىشلىق خېيىم-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تەييارلىق كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى.

10:30 2026-04-05

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە باھار سەيلىسى گۈل سەيلىسى قىزىپ كەتتى

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ، باھار سەيلىسى قىلىپ، گۈل-گىياھلارنى تاماشا قىلىپ، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىپ، باھارنىڭ ياخشى پەيتىدىن بەھرىمەن بولدى.

10:28 2026-04-05

بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە سېتىش سوممىسى 430 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى پائال ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئالاقىدار تاۋارلار سېتىلىش سوممىسنىڭ 433 مىليارد 170 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇنىڭدىن 60 مىليون 933 مىڭ ئادەم (قېتىم) نەپكە ئېرىشكەن.

10:24 2026-04-05